سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

11 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ CPI سى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئاشتى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-03

    دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئۈرۈمچى تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 11 – ئايدا ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.5 ئۆسكەن بولۇپ، بۇ بۇ يىلقى ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈش نىسبىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 11 – ئايدا پۈتۈن شەھەردە كۆكتات باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.6 ئۆسۈپ، CPIنىڭ 0.41 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىشىگە سەۋەب بولغان. بۇنىڭ تەسىرىدە ئۈرۈمچىنىڭ يېمەك – ئىچمەك باھاسى داۋاملىق ئۆرلىگەن. 11 – ئايدا ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنىڭ سىرتتا غىزالىنىش ھەققى %7.2 ئۆرلەپ، CPIنىڭ 0.59 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىشىگە سەۋەب بولغان.

    كۆكتاتتىن باشقا مېۋە – چىۋىلەرمۇ CPIنىڭ ئۆرلىشىدىكى ئاساسى سەۋەب بولغان. 11 – ئايدا مېۋە – چىۋىلەرنىڭ باھاسىمۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.4 ئۆرلەپ، CPI نىڭ 0.26 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىشىگە سەۋەب بولغان.

    كۆكتات توپ سېتىش بازىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، شەھەر ئاھالىلىرى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان 30 خىل كۆكتاتنىڭ ھەر كىلوگراممىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى تۆت يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، 10 – ئايدىكىگە قارىغاندا %8.7، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.95 ئۆرلىگەن.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359521791