سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بۇ يىل ئېلىمىزدە 15 تۈرلۈك زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىشى مۇمكىن

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-03

    دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: 2017-يىلى ئېلىمىزدە 15 تۈرلۈك زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىشى، بىرى پىشىپ يېتىلسە بىرىدە ئىش باشلىنىشى مۇمكىن، قۇرۇلۇش چوقۇم تاماملاشقا تېگىشلىك ۋەزىپە ئەمەس، بىرقەدەر كۆپ مەسىلە ساقلانغان تۈرلەرنى تەستىقلاشقا بولمايدۇ.

    سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2016-يىلى 24-نويابىرغىچە ئېلىمىز گەنسۇ خوڭيەنشەن سۇ ئامبىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش، خېيخې خۇاڭزاڭ بۇدخانىسى سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق 20 زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاپ، شۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا بېكىتىلگەن مىقدارلاشتۇرۇش نىشانىنى مۇددەتتىن بىر ئاي بۇرۇن ئورۇندىغان، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ئەننەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە 172 تۈرلۈك زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ 105دە ئىش باشلاندى، قۇرۇلۇش كۆلىمى 800مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، بۇ يىل سۇچىلىق تارماقلىرى ئىش باشلانمىغان تۈرلەردىكى ئالدىنقى باسقۇچلۇق دەلىللەشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    بىرى پىشىپ يېتىلسە، بىرىدە ئىش باشلاش، بالدۇرراق، كۆپرەك ئىش باشلاش پىرىنسىپى بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش كېرەك، كېيىنكى قەدەمدە زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.بىز بۇ يىل 15 تۈرلۈك زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن ئىش باشلاپ، قۇرۇلۇش كۆلىمىنى 900 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئويلىشىۋاتىمىز.

    دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېزا ئىقتىسادى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ شياۋ ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى: تۈرلۈك تۈر پىلانلىرىنىڭ ئاساسى، سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش شارائىتى، تۈر قۇرۇلۇشىنى چەكلەۋاتقان ئامىل، ئېھتىياج ۋە مۇمكىنچىلىك قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، 172 تۈرلۈك زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق، تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا بىر تۈركۈم چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرى تاللىنىپ« سۇچىلىق ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى»غا كىرگۈزۈلدى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359521731