سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈركىيەدە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-03

    دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۈنۈگۈن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ: جۇڭگو بۇ ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، دېدى.

    مەلۇم مۇخبىر، شۇ يەر ۋاقتى 1-يانۋار تاڭغا يېقىن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى بىر ئالىي كېچىلىك كۇلۇبتا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 39 كىشى قازا قىپتۇ، 60 نەچچە كىشى يارىلىنىپتۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپتۇ. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ، دەپ سورىغاندا، خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلىغا ھال سوراپ تېلېگرامما يوللىدى. جۇڭگو بۇ ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ؛ بىز تۈركىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى خالايمىز.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359521701