سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىشنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-03

    مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن كەچتە تاراتقۇلارغا بۇ قېتىمقى ئېغىر بۇلغىنىشچان ھاۋا رايىنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 31-دېكابىر، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردىكى 49 شەھەرنىڭ ھاۋاسى بىرقەدەر ئېغىر بۇلغانغان، بۇنىڭ ئىچىدە 16 شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن، شىجياجۇاڭ شەھىرى ھاۋاسى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان شەھەر بولۇپ قالغان، ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ھازىرغىچە بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا 62 شەھەر سېرىق رەڭلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغان، بۇنىڭ ئىچىدە شىجياجۇاڭ، باۋدىڭ، لاڭفاڭ، جىنەن قاتارلىق 25 شەھەر داۋاملىق قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان.

    مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن شۇلار بايقالدىكى، قسىمەن كارخانىلار يەنىلا ئۆزى بىلگەنچە پىچەتلەرنى يىرىتىپ تاشلاپ، ئىشلەپچىقىش قىلىپ،ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان، خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي شەھىرى بىلەن شەندۇڭ ئۆلكىسى دېجۇ شەھىرى تۇتىشىدىغان جايدا دېجۇ شەھىرى يۇجيا ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى ۋۇچېڭ ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى 2016-يىلى 28-ئۆكتەبىر چىقارغان« مۇھىت ئاسراش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى قىلىۋاتقان كارخانىلارنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىشقا بۇيرۇش ھەققىدىكى قارار»غا خىلاپلىق قىلىپ، پېچەتنى يىرتىپ تاشلاپ،سېخنىڭ ئىس تۈتەكلىرىنى بىر تەرەپ قىلمايلا قويۇپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆلكە چېگراسىدىكى رايونلارغا جايلاشقان كىچىك كارخانىلارنىڭ بىر يەرگە توپلىشىپ قالغانلىقى، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنىڭ بىرقەدەر گەۋدىلىك ئىكەنلىكى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى بايقالدى. يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە قارىتا ھەرقايسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ، قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، تېزدىن تۈزىتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دەۋەت قىلدى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359521681