سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يېرىمدىن ئارتۇق ئائىلىلەرنىڭ ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمايدىغانلىقى ئايان بولدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-03

    مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بالىلار خىزمىتى بۆلۈمى بىلەن بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ئاساسى مائارىپ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ماسلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى ئۆتكەن يىلى 4-ئايدىن باشلاپ يېرىم يىل « ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ ئائىلە تەربىيەسىگە بولغان تەسىرى» دېگەن تېمىدا تەكشۈرۈپ ئېلىپ باردى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن شۇلار ئايان بولدىكى يېرىمدىن ئارتۇق بىر پەرزەنتلىك ئائىلىلەرنىڭ ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسى يوقكەن، تەرەققىي قىلغان رايونلاردا بۇ خىل ئارزۇ گەۋدىلىك ئىكەن، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بالىلار خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن شياۋشيا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئائىلىلەر ئىچىدە ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسى بارلار %20.5گە يېتىدۇ، بۇنداق ئارزۇسى يوقلار %53.3نى ئىگىلەيدۇ، تېخى ئېنىق قارارغا كەلمىگەنلەر %26.2نى ئىگىلەيدۇ، ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمايدىغانلار بىلەن تېخى ئېلىش ياكى ئالماسلىقنى قارار قىلمىغانلار جەمئىي %79.5نى ئىگىلەيدۇ، تەرەققىي تاپقان ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىكى ئائىلىلەر ئىچىدە ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسى بارلار بىرقەدەر تۆۋەن.

    ئۇنداقتا ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل قايسىلار؟ تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، مائارىپ، داۋالىنىش، سەھىيە ۋە تۇرمۇش مۇھىتى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقى ئەھۋالى ۋە ئائىلە ئەھۋالى ئاتا ئانىلارنىڭ ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مۇھىم ئامىللار ئىكەن.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359521671