سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ياسىمىچىلىقتا سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى %51.4گە يەتتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-03

    جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇلازىمەتچىلىكنى تەكشۈرۈش مەركىزى تۈنۈگۈن 2016-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو ياسىمىچىلىقتا سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچىنىڭ %51.4گە يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.3 پوئىنت تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، كۆرسەتكۈچنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى ئاساسلىقى يىل ئاخىرىدا كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىنىڭ پەسلىگەنلىكىنىڭ تەسىرىدىن بولدى، ئەمما ئېھتىياج ئاساسەن تەڭكەش، مۇقىم بولدى، ئىقتىساددىكى ئومۇمىي ياخشى ۋەزىيەت ئۆزگەرمىدى.

    شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىقتىن باشقا سودا پائالىيىتى كۆرسەتكۈچى %54.5گە يەتتى، گەرچە ئالدىنقى ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئازراق تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ ئەمما يەنىلا ئۇدا ئۈچ ئاي %54دىن يۇقىرى بولدى.

    ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى ئاساسەن مۇقىم بولدى، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى %53.3 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.6 پوئىنت تۆۋەن بولدى، خام ماتېرىيال ئامبىرى قالدۇقى، سېتىۋېلىش مىقدارى كۆرسەتكۈچى ئازراق تۆۋەنلىدى، يېڭىدىن زاكاز قىلىنغان تالون كۆرسەتكۈچى %53.2 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكى بىلەن تەڭلەشتى، 2014-يىلى 8-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ساقلاپ قېلىندى.

    ئىستېمال خاراكتېرلىك مۇلازىمەت مۇقىم ئاشتى،قۇرۇلما داۋاملىق سەرخىللاشتى، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئىستېمال بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت پائالىيىتى ئازراق تۆۋەنلىدى، ئەمما ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولدى، ئۆزگىرىش نىسبىتى ئانچە چوڭ ئەمەس، يېڭى يىل ۋە چاغاننىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بايرامدا ئىستېمال ئېھتىياجى تولۇق قوزغىلىشى مۇمكىن، ئۆتكەن يىلقى ئەھۋالغا قارىغاندا، تور ئىستېمالى، ساياھەت ئىستېمالى ۋە ئۇچۇر ئىستېمالى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستېماللارغا ئالاقىدار پوچتا، ئۇچۇر مۇلازىمىتى ۋە مەنزىرىگاھلار مۇلازىمىتى پۈتۈن يىلدا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان، قىممەت يارىتىش سەۋىيەسى تەخمىنەن %60لىك سەۋىيەنى ساقلىغان.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359521651