سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يېڭى يىل يېتىپ كېلىشى بىلەن زور بىر تۈركۈم يېڭى سىياسەتلەر يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-03

    يېڭى يىل يېتىپ كېلىشى بىلەن، زور بىر تۈركۈم يېڭى سىياسەتلەر يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. ھاۋا سۈپىتىدىن ئېنتېرنېتقىچە، تۇرمۇشتا ئايال بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگىچە، بارغانسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن يېڭى سىياسەتلەر ھەر قايسى جەھەتتىن بازارنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى تېخىمۇ قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلدى.

    ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ھاۋانى ساپلاشتۇرغۇچ جۇڭگو مۇھىت كۆرسەتكۈچى ئۆلچىمى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. ئۆلچەم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىستېمالچىلار ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ مەھسۇلاتىدا جۇڭگونىڭ مۇھىت كۆرسەتكۈچىنىڭ بار يوقلىقى بەلگىسىنى ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىنىڭ بىرى قىلىپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ مەھسۇلاتىنى سېتىۋالالايدۇ.

    1-يانۋاردىن باشلاپ، يانفون ئۆز ئىسمى بىلەن تىزىمگە ئېلىنمىغان بولسا، تىجارەت سودىگەرلىرى تېلېفوننى توختىتىدۇ، يەنى تېلېفون ئۇرۇش، تېلېفون ۋە قىسقا ئۇچۇر قوبۇل قىلىش قاتارلىق قوش يۆنىلىشلىك خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى توختىتىلىدۇ. تېلېفون قوش يۆنىلىشتە توختىتىلغاندىن كېيىن، جايلار ئۆز ئىسمى بىلەن تىزىمگە ئېلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، لېكىن تېلېفون توختاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇش سەۋەبلىك تېلېفون نومۇرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئابونېتلارنى يەنىلا ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆز ئىسمى بىلەن تولۇقلاپ تىزىمگە ئالدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

    2016-يىلى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش يىلى، ئەمما، شەھۋانىي، زوراۋانلىق، ئالدامچىلىق، پىتنە پاسات تۈسىنى ئالغان مەزمۇنلار تور بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىدە دائىم يۈز بېرىپ تۇردى. مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ بازارنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن بېسىپ تارقاتقان «تور ئويۇنلىرى تىجارەت پائالىيىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» 1-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. جۇڭگو تاراتقۇ ئۇنىۋېرسىتېتى تاراتقۇ سەنئىتى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇ جىفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ بەلگىلىمە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنىڭ سۈپىتى، تور بىۋاسىتە ئۇچۇرلىرىنىڭ نوپۇزلۇقلىقى ۋە تور ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي جامائەتچىلىگىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىزغا پايدىلىق، بۇ ئىنتايىن ۋاقتىدا، جايىدا چىقىرىلغان كۈچلۈك بەلگىلىمە بولدى.

    «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاياللار بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايى دېلوسىنى قاراپ چىقىشقا قوللىنىدىغان قانۇنغا ئائىت بىر قانچە مەسىلە ھەققىدە ئىزاھات» 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. بالىلارنى ئالداش، ئېزىقتۇرۇش ۋاسىتىسى بىلەن ھامىيىسىدىن ئايرىپ ئېلىپ كېتىش «بالىلارنى ئوغرىلاش»قا كىرىدۇ، ئەڭ ئېغىر بولغاندا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. سېتىۋېلىنغان بالىلارنى يوشۇرۇپ قويۇش، يۆتكەپ كېتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر «قۇتقۇزۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش» دەپ قارىلىپ، جىنايى ئىشلار بويىچە جازاغا تارتىلىدۇ.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359521621