سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى مەملىكەت، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارالدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-01-03

    31-دېكابىر كەچ سائەت يەتتىدە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سۆزلىگەن 2017-يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى رادىيو، تېلېۋىزور، تور ئارقىلىق مەملىكەت، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارالدى.

    جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرى جياڭنىڭ رايونى شىتاڭ كەنتىدە، دېھقانلار تېلېۋىزور ئالدىغا يىغىلىپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك سۆزىنى ئاڭلاپ قىزغىن چاۋاك چالدى. كەنت پارتىيە باش ياچايكىسىنىڭ شۇجىسى جېڭ تاۋ مۇنداق دېدى: ھەر يىلى مۇشۇ چاغدا دېھقانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نېمە يېڭى ئوي-پىكىرلىرى بارلىقىنى ئاڭلايدۇ. 2010-يىلىدىن بۇرۇن شىتاڭ كەنتى يىراق يېقىنغا داڭقى كەتكەن نامرات كەنت ئىدى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۈزەل يېزا-كەنت بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، شىتاڭ كەنتىنىڭ قىياپىتى يېڭىلىنىپلا قالماستىن، دېھقانلار ئارامگاھى، مېھىر-شەپقەت بانكىسى قۇرۇلدى، ھەممەيلەن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى.

    رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پەن-تېخنىكىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇش كونترول مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى جيەنگە يەنە بىر قېتىم ئىلھام بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بىر قاتار ھالقىلىق تېخنىكىلاردا بۆسۈشكە ئېرىشتۇق، ئۈنۈملۈك ئالەم قاتنىشى ئۆلچەملىرى ۋە سۈپەت كاپالەت سىستېمىسىنى ئورناتتۇق، ساپالىق، ياش مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنىنى يېتىشتۈردۇق، بۇلار بىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقىمىز، شۇنداقلا ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت، يېڭىلىق يارىتىشتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىرادىمىز ۋە جاسارىتىمىزنىڭ ئاساسى.

    رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو ئولىمپىك ئەزىمەتلىرىنىڭ ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى باشلاپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالىي مۇكاپات سۇپىسىغا چىققان لاڭ پىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن رەئىس شى جىنپىڭ بىزنى يوقلىدى. جۇڭگو كوماندىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى جەلب قىلىپ، 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى مەلۇم چىگرا مۇداپىئە پولكىنىڭ قاراۋۇلخانىسىدا، كوماندىر-جەڭچىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى. 2014-يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ قاتتىق سوغۇققا قارىماستىن، بۇيەرگە ئالايىتەن كېلىپ ئۇلارنى يوقلىغان، 2015-يىلى چاغان ھارپىسىدا يەنە خەت يېزىپ ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرگەن ئىدى. روتا يېتەكچىسى دۇ خۇڭشەن مۇنداق دېدى: يېڭى يىلدا روتىدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر مەسئۇلىيىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ۋەتەن چىگرىسىنى پۇختا قوغدايدۇ.

    يېڭى يىل كېلىشى بىلەن، چىڭخەي ئۆلكىسى ئۈچ دەريا مەنبىيى ئېكىلوگىيە كۆچمەنلەر يېڭى كەنتى خاسىيەتلىك قارنى كۈتىۋالدى. بۇ كەنت پارتىيە ياچايكىسىنىڭ 63 ياشقا كىرگەن مۇئاۋىن شۇجىسى گېڭگا نەنجيې تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى زاڭزۇچە خاتىرىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇرۇن بىز دېڭىز يۈزىدىن 4700 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغدا توپا ئۆيلەردە تۇراتتۇق، جىن چىراق ياقاتتۇق، قوي-كالا تېزىكى قالايتتۇق، ھازىر خىش ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردۇق، موتسىكلىت، ماشىنا ھەيدىدۇق، بالىلارمۇ مەكتەپكە كىردى، يايلاقنىڭ ئېكىلوگىيە، مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دېگەنلىرى ئەمەلگە ئاشتى، بەختلىك كۈنلىرىمىز باشلاندى.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359521611