سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ترامپ ئىرانغا ‹‹ھەيۋە كۆرسەتتى››، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يەنە ‹‹بوران–چاپقۇن›› كۆتۈرۈلەرمۇ؟

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-30

    2017–يىلى كىرىشى بىلەن ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ، بۇ، ئىران ئۈچۈن زور بېسىم، ئوباما ئۈچۈن ئوڭايسىزلارچە ئاخىرلاشتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. ترامپ سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان مەزگىلدىلا ئىران يادرو كېلىشىمىنى قاتتىق تەنقىدلىگەنىدى، ھەتتا ئوبامانى ئىران مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ‹‹بوۋاق››قا ئوخشاپ قالدى، دەپ ئەيىبلىگەنىدى. ھازىر ترامپ دەۋرى بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتىدۇ، ئامېرىكا – ئىران مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىرىشمۇ بارغانسېرى چوڭىيىۋاتىدۇ.

    ئامېرىكا – ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ كەتكىنىگە ئۇزاق بولدى. 1979 – يىلى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئىران ئامېرىكىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكىلەرنى تۇتۇپ قالغان تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ناچارلاشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىر – بىرىگە يول قويماي دۈشمەنلىشىش ھالىتىدە تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، يادرو مەسىلىسىمۇ ئىزچىل ئىككى تەرەپ تالاش – تارتىشىنىڭ فوكۇس نۇقتىسى بولۇپ كەلدى. 1996 – يىلى ئامېرىكا ئىراننى ئۇزاق مۇددەت جازالاش تەدبىرىنى يولغا قويدى.

    يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى تەدرىجىي يۇمشاشقا باشلىدى. ئىران يادرو كېلىشىمى توققۇز يىللىق مارافونچە سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن 2015 – يىلى ئاخىر تۈزۈلدى. تاراتقۇلار ئىران يادرو كېلىشىمىگە ئوبامانىڭ كۆزنى ئەڭ چاقنىتىدىغان ‹‹سىياسىي مىراسى›› دەپ باھا بەردى.

    ھالبۇكى، ھازىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسى ‹‹ئىراننى جازالاش قانۇن لايىھەسى››نىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش قارارىنى ماقۇللىدى ھەم ئوباما ئىمزا قويمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاپتوماتىك كۈچكە ئىگە قىلدى، بۇنىڭ بىلەن، ئوبامانىڭ بۇ سىياسىي مىراسى خەتەردە قالدى.

    ئىران زۇڭتۇڭى روھانى ئىراننى جازالاش مۇددىتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدا توختىلىپ: ‹‹ئىراننى جازالاش قانۇن لايىھەسى››نىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئېنىقلا ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ روھىغا خىلاپ، ئوباما ‹‹ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى توسۇشى كېرەك›› دېدى. ۋاھالەنكى، ‹‹ئىراننى جازالاش قانۇن لايىھەسى››نىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش – ئۇزارتماسلىق مەسىلىسىدە ئوباما ھۆكۈمىتى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كونتروللۇقىدىكى پارلامېنت ئىزچىل قارىمۇ قارشى پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، پارلامېنتنى قايىل قىلماق تەس.

    شۇڭا ئوبامانىڭ ئىران مەسىلىسىدە بەلگىلىك تۆھپىسى بولسىمۇ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشى تەسكە توختىشى مۇمكىن، بۇ ئىشتا باشتىن – ئاخىر بىر قەدەم ئىلگىرىلىسە، يېرىم قەدەم چېكىنىشتەك ئوڭايسىز ۋەزىيەت ساقلىنىپ كەلدى. ھازىر ئوبامانىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قېلىشى بىلەن، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ‹‹شېرىن ئاي مەزگىلى››مۇ ئاخىرلىشىدىغاندەك قىلىدۇ. ئەنگلىيە ‹‹پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى››نىڭ ئوبزورچىسى: ترامپ قولىنى شۇنداقلا پۇلاڭلاتسا، ئوباما خۇددى ئەزەلدىن زۇڭتۇڭ بولۇپ باقمىغاندەك ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن، دېدى.

    ترامپنىڭ ئىرانغا تۇتقان ھەر خىل پوزىتسىيەسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا – ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. نىڭشيا جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى لى شاۋشيەن: ئامېرىكا – ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ فوكۇس نۇقتىسى كەلگۈسىدە ترامپنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىغا مەركەزلىشىدۇ. ترامپ كۆپ قېتىم ئىران يادرو كېلىشىمىنى ‹‹ئاپەت›› ۋە ‹‹تارىختىن بۇيان تۈزۈلگەن ئەڭ ناچار كېلىشىم›› دېگەن ھەم ئۇنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، دېدى.

    ئەمما ئىران يادرو كېلىشىمى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن كۆپ تەرەپلىك كېلىشىم، ترامپنىڭ ئۇنى ئۆز ئالدىغىلا بىكار قىلىۋېتىشى مۇمكىن ئەمەس. لى شاۋشيەن: بۇ كۆپ تەرەپلىك كېلىشىم، ئامېرىكىنىڭ ئۇنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلىشى ناھايىتى تەس؛ ھەتتا قايتىدىن كېلىشىشىمۇ ناھايىتى قىيىن، ئىران يادرو كېلىشىمىدىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەر بەس – بەستە ئىران بازىرىغا كىردى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ قايتا كېڭىشىشكە قوشۇلۇشى ناھايىتى تەس، دەپ قارىدى.

    ترامپ ئىران يادرو كېلىشىمىدە زىيادە ‹‹جاھىل››لىق قىلالمىسىمۇ، ئۇ ئوباما ئىرانغا قاراتقان ‹‹ئىللىق›› سىياسەتنى ھەرگىز داۋاملاشتۇرمايدۇ، بۇ نۇقتىنى ئۇنىڭ خادىملارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش يۆنىلىشىدىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىدە، ترامپ تاللىغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى مىچېل فلىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جامېس ماتتىس، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مايك پومپىئو ئوبامانىڭ ئىران سىياسىتىگە كۈچلۈك قارشى تۇرغۇچىلار ئىدى.

    ترامپ خەلقئارا سىياسىي ساھەسىگە تېخى يېڭى. تەجرىبىسىنىڭ كەملىكى ۋە ئۆز مەيلىچە ئىش كۆرىدىغان خاراكتېرىدىن قارىغاندا، ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئامېرىكا – ئىران مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا ھازىر بىر نېمە دېمەك تەس؛ ئەمما ئۇنىڭ ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئامېرىكا – ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى، ھەتتا پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ئۈچۈن يوشۇرۇن بېشارەتتۇر.

    ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا ئوتتۇرا شەرق رايونى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى ۋە سۇرىيە ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن زېھنىنى خوراتتى، ئىران پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تېز تەرەققىي قىلدى، ئامېرىكا بۇنداق ئەھۋالنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ئەلۋەتتە. ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، ترامپ ئىراننى جازالاش قانۇن لايىھەسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئەندىزىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىراننى چەكلەپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە زورىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغاندەك تۇرىدۇ.

    روشەنكى، بۇ، ئىراننىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغايدۇ. ئىران ھۆكۈمىتى خىلمۇ خىل بېسىم تۈپەيلىدىن ۋەدىسىدىن يېنىپ، يادرو ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مۇمكىن، بۇنىڭغا ئىسرائىلىيە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، ئۇرۇش بۇلۇتى ئوتتۇرا شەرق ئاسمىنىنى قايتا قاپلايدۇ.

    ‹‹شىنخۇا تورى››دىن

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359448011