سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يەمەن ھۆكۈمىتى ب د ت ئوتتۇرىغا قويغان يەمەن كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يېڭى لايىھەسىگە پىرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-30

    يەمەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت يەمەن كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يېڭى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، يەمەن ھۆكۈمىتى بۇ يېڭى لايىھەگە پىرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

    يەمەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت نىڭ يەمەن مەسىلىسى بويىچە پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى ئىسمايىل ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئانالىز قىلىنىۋاتقان يەمەن كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يول خەرىتىسىنىڭ پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تۈزىتىش كىرگۈزگەن لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويغان. زۇڭتۇڭ ھادى رەھبەرلىكىدىكى يەمەن قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا پىرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەردە يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: بىز يېڭى لايىھەنى رەسمىي تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قوشۇلغانلىقىمىز توغرىسىدىكى مەيدانىمىزنى سىرتقا ئاشكارىلايمىز.

    خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى لايىھەنى پەۋقۇلئاددە ئەلچى ئىسمايىل ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق تۆت دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ رىيادتىكى تەدبىرىنى تۈزىتىش ئارقىلىق تۈزگەن. تۆت دۆلەت يەمەن كىرىزىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشتا خەلق قوراللىقلىرى ھەممە شەھەردىن چېكىنىشى كېرەك؛ قورال تاپشۇرۇشى كېرەك؛ ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىپ، سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش مۇساپىسىنى باشلاپ، نۆۋەتتىكى كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش كېرەك، دېگەن ئۈچ نۇقتىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.‏(تامام)‏

 

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359447871