سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

كورېيە دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى 350 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدىكەن

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-30

    كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە باج تاپشۇرغۇچىلار ئىتتىپاقى 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ‹‹2016 – يىلى كورېيە دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى 59 مىليون 900 مىڭ ۋون (تەخمىنەن 345 مىڭ يۈەن) بولغان›› دېگەن.

    باج تاپشۇرغۇچىلار ئىتتىپاقى مۇنداق دېدى: بۇ سانلىق قىممەت 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى يىللىق باج ھېسابىنى ئېنىقلىغاندىكى 16 مىليون 680 مىڭ ئەمگەكچىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى (31 مىليون 720 مىڭ ۋون) نىڭ 1.9 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىللىق مائاش ئوتتۇرىچە سەۋىيە (22 مىليون 250 مىڭ ۋون) نىڭ 2.7 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئەمگەكچىلەر ئارىسىدا، تەخمىنەن ئالدىنقى %14 نىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ.

    باج تاپشۇرغۇچىلار ئىتتىپاقى مۇنداق دېدى: ئەمگەكچىلەرنىڭ يىل ئاخىرىدىكى باج ھېسابىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتى 2014 – يىلىدىكى سانلىق مەلۇمات بولۇپ، بۇ سېلىشتۇرمىنىڭ ئىككى يىللىق ۋاقىت پەرقى بار. لېكىن پەرقى ئانچە چوڭ ئەمەس.‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359447721