سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ۋىزا كەچۈرۈم قىلىپ ئامېرىكىغا كىرىشتە ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابات نومۇرى تەكشۈرۈلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-30

    ئەنگلىيە ‹‹مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى››نىڭ 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زېمىن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ ‹‹ساياھەت قىلىش ھوقۇقى بېرىش ئېلېكتىرون سىستېمىسى››دا ئامېرىكا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىي تەشكىلاتلار بىلەن يوشۇرۇن ئالاقىسى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشىگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىپ ئامېرىكىغا كىرگەنلەرنىڭ ‹‹فېيسبۇك››، ‹‹تىۋىتتىر››، ‹‹يۇتۇبې››، ‹‹لىنكېدئىن›› قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرىدە ئىشلەتكەن شەخسىي ھېسابات نومۇرىنى تەمىنلىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.

    ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئالدىنقى ھەپتە بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. لېكىن، بۇ تارماقلار ئىلگىرى چەت ئەللىكلەر ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى ھېسابات ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ چېگرادىن كىرىشى مەنئى قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇلتۇر يازدا بۇ سىياسەت تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئويلىمىغان يەردىن قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىغان. شەخسىيەت ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى زات مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ شەخسىي ئۇچۇرلارنى قانداق ئىشلىتىش ياكى شەخسىي ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش توغرىسىدا ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئېنىق بەلگىلىمىسى ئىنتايىن ئاز.

    ‹‹سىياسەت›› تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئالاقە تورى جەمئىيىتى بۇ سىياسەتنىڭ سۆز ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا خەۋپ يەتكۈزۈشىدىن گۇمانلانغان. ئالاقە تورى جەمئىيىتىنىڭ باش قانۇن مەسلىھەتچىسى ئابىگايل سلاتېر مۇنداق دېدى: بۇ ئۇسۇلنى چوقۇم باشقا نۇرغۇن دۆلەت تەقلىد قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدۇ، بۇ ئۇسۇلنىڭ ماھىيىتى شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىپ، ئۇچۇر تورى قۇرۇشتىن ئىبارەت.

    ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2015 – يىلى ئامېرىكىغا كىرگەن چەت ئەللىك جەمئىي 77 مىليون 500 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يەتكەن، بەلكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر يىلدا تەخمىنەن 10 مىليون ئادەم(قېتىم) ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلايدىكەن.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359447681