سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تۈركىيە ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش دېلوسىغا چېتىشلىق ساقچىلارنى سوتلىدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-30

    تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى سوت مەھكىمىسى 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى بۇ يىل 7 – ئايدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش دېلوسىغا چېتىشلىق 29 ساقچىنى سوتلىدى.

    تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ساقچىلار ‹‹خىزمەتداشلىرى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشماسلىققا نەسىھەت قىلىشقا ئۇرۇنغان›› دەپ ئەيىبلەنگەن. سىياسىي ئۆزگىرىش سۇيىقەستىنى توسۇش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن، يۇقىرىدا ئېيتىلغان جاۋابكارلارنىڭ 25ى سوراقنى كۈتۈش ئۈچۈن قاماپ قويۇلغان.

    تەپتىش دائىرىلىرى ئەيىبنامىدە ‹‹سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇندى›› دېگەن جىنايەت بىلەن 21 جاۋابكارنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش جىنايىتى بىلەن باشقا سەككىز جاۋابكارنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

    بۇ يىل 7 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، تۈركىيەدە تۇيۇقسىز ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. سىياسىي ئۆزگىرىش سۇيىقەستى بىرقانچە سائەت ئىچىدىلا مەغلۇپ بولغان، لېكىن 246 كىشى قازا قىلغان. تۈركىيە دائىرىلىرى ‹‹سىياسىي ئۆزگىرىشنى پىلانلىغۇچى ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان <گۈلەن ھەرىكىتى>نىڭ رەھبىرى گۈلەن›› دەپ بېكىتكەن.

    خەۋەرگە قارىغاندا، تۈركىيە ھازىرغىچە سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئالاقىدار تەكشۈرۈشتە 40 مىڭدىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان، ئۇنىڭدىن باشقا، تەخمىنەن 100 مىڭ ئادەم تازىلاش ھەرىكىتىدە خىزمەتتىن ھەيدەلگەن. ئۇلارنىڭ كۆپى ئارمىيە، ساقچى، ئەدلىيە، ئاخبارات، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەردىن خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359447591