سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«13- بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە شىنجاڭ يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى 40 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-30

    29- دېكابىر، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ئاچقان شىنجاڭ يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى ۋە ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ساياھەت كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى (دەسلەپكى نۇسخىسى)» ئوتتۇرىغا قويغان تەرەققىيات نىشانىغا ئاساسەن، 2020- يىلىغىچە، شىنجاڭ يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن 40 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدىكەن، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى ئومۇمىي ئىستېمال قىممىتى 70 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن. بىر تۈركۈم ساياھەت ئالاھىدىلىكى بار بولغان يېزا-بازار ۋە كەنتلەرنى قۇرۇپ، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى (رايونى)دىن 20نى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدىغان 600 نامرات كەنتنى قوللاش ئارقىلىق، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىنى بىر مىليونغا يەتكۈزۈپ، رايونىمىزدىكى 300 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇدىكەن.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359447541