سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدا 16 مىليون 850 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتناشتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-30

    ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى 2016- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭدا ئىشقا كىرىشكەندىن باشلاپ 27- دېكابىرغىچە، شىنجاڭدا 16 مىليون 851 مىڭ 300 شەھەر-يېزا ئاھالىسى سالامەتلىك تەكشۈرتكەن بولۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش نىسبىتى %96كە يەتتى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر مىليون 684 مىڭ 200 ئادەم سالامەتلىك تەكشۈرتكەن بولۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش نىسبىتى %99.2كە يەتتى.

    مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 27- دېكابىرغىچە، شىنجاڭدا ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلارنىڭ سانى 16 مىليون 851 مىڭ 300گە، سالامەتلىك تەكشۈرۈش نىسبىتى %98.47كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىن جەمئىي توققۇز مىليون 42 مىڭ 800 ئادەم سالامەتلىك تەكشۈرتكەن، نەتىجىدە، سالامەتلىك تەكشۈرۈش نىسبىتى %98.47كە يەتكەن. باشقا ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلاردا 780.85 ئادەم سالامەتلىك تەكشۈرتكەن بولۈپ، نەتىجىدە، سالامەتلىك تەكشۈرۈش نىسبىتى %93.25كە يەتتى.

    ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلار ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان، خوتەن ۋىلايىتىدە سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەنلەرنىڭ سانى ئىككى مىليون 219 مىڭ 900غا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەنلەرنىڭ سانى 558 مىڭ 100گە، سالامەتلىك تەكشۈرۈش نىسبىتى %100كە يەتكەن.

    ئاپتونوم رايوننىڭ پىلانى بويىچە، 2016- يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستنىڭ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى ئاياغلىشىدىكەن، كېلەر يىلى مارتنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىىنغان ھالدا تاماملىنىدىكەن.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359447531