سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يېڭى يىلدا شىنجاڭغا كىرىدىغان ئايروپىلاندا شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئايروپىلانغا قارىغاندا ئېتىبار كۆپ بولىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-29

    يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتا ساياھەتكە چىقماقچى بولغان شەھەر ئاھالىلىرى تېزدىن ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋلسا بولىدۇ، قىسمەن ئايروپىلان بېلىتى پويىزنىڭ قاتتىق كارىۋات بېلىتىدىنمۇ ئەرزان بولىدۇ.

    27- دېكابىر، مۇخبىرنىڭ ھەر قايسى چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى، ئالى ساياھىتى، شيېچېڭ تورى ھەمدە جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شېركىتى، خەيخاڭ ئاۋىئاتسىيە شېركىتى، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قاتارلىق ئاۋىئاتسىيە گوروھلىرىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى يىللىق قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭدىن نۇرغۇن شەھەرلەرگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتى باھاسىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئېتىبار بېرىلىدىكەن.

    2017- يىلى يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى، 1- ئاينىڭ 1- كۈنى ۋە 1- ئاينىڭ 2- كۈنى بولۇپ، جەمئىي ئۈچ كۈن بولىدىكەن. مۇخبىرنىڭ جەنۇپ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ بازار بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە جەنۇپ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئۇچىدىغان كۆپلىگەن ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار بېرىلىدىكەن.

    كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، ھازىر ئايروپىلانلارنىڭ شىنجاڭدىن چىقىشىنىڭ يۇقىرى دولقۇن مەزگىلى، ھەمدە شىنجاڭغا كىرىشىنىڭ تۆۋەن دولقۇن مەزگىلى بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار چاغان مەزگىلىدە سەپەر قىلىپ شىنجاڭدىن چىقىپ يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ بايرام ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئايروپىلاندا ئاساسەن بوش ئورۇن يوقكەن. لىكىن شىنجاڭغا قايتىدىغان ئايروپىلاندا نۇرغۇنلىغان بوش ئورۇن بار ئىكەن. شۇڭا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى شىنجاڭغا كىرىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسىدا جىق ئېتىبار قىلغان. ئۇنىڭدىن سىرت، ھەر يىلى چاغان ۋە دۆلەت بايرىمىدىن كىيىنكى مەزگىللەردە، ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى پۈتۈن يىل بويىچە ئەڭ تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدا، بەزى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇغا بارىدىغان ئالاھىدە باھالىق بىلەت چىقارغان بولۇپ، ئۇ خىل بىلەتلەر پويىز بىلىتىدىنمۇ ئەرزان بولغان.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359420301