سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭلىقلار ئورۇندىغان ئىتوت ئاخىرقى تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-29

    2017 - يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ توخۇ يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى سەھنىسىدە، شىنجاڭنىڭ يەرلىك سەنئەتكارلىرى ئورۇندىغان يىنىك كومىدىيىلىك ئىتوتىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن.

    27- دېكابىر، مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، توخۇ يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى 2016- يىللىق چوڭ، مۇھىم ۋە پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تاللاش ئارقىلىق، 100 ئىجادىيەت تېمىسىنى بىكىتىپ چىققان، بۇ ئاساستا، 40 تېمىنى سېنارىيە ئىجادىيىتىگە تاللىغان، ئاندىن سېنارىيەنىڭ سۈپىتىگە ئاساسەن، 28 سېنارىيەنى رېپېتىتسىيە قىلىشقا كىرىشكەن، ئاخىرىدا ئۈچ نۆۋەتلىك ئالدىن تەكشۈرۈشكە 20 پارچە ئەسەرنى تاللاپ چىقىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئوندەك ئەسەرنى بىكىتكەن. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تارىم ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى ئابدۇسالام ئابدىراخمان باش رول ئالغان ئىتوت مۇۋاپىقىيەتلىك تاللانغان، بۇ بەلكىم شىنجاڭ تېمىسى تىل تۈرىدىكى پروگراممىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە تۇنجى قېتىم چىقىشى بولۇشى مۇمكىن.

    ئاشكارىلىنىشىچە، ئىتوت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېمىسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئىتوتقا جەمئىي تۆت نەپەر ئارتىس قاتناشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئارتىسلىرى بولۇپ، ئۇلار ئابدۇسالام ئابدۇراخمان، دىلخۇمار كۈرەش ۋە كۈلدۈرگە سەنئەتكارى گو شىڭ. يەنە بىرى دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس شاڭ داچىڭ.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359420231