سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ‹‹ئائىلە››سى بار بولدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-29

     ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹شىنجاڭ ياشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ئائىلىسى››نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى پاراۋانلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    ئۇقۇشىمچە، ‹‹شىنجاڭ ياشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ئائىلىسى›› ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشىگە ياخشى سەھنە ھازىرلاپ بېرىدىكەن. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا تىزىمغا ئالدۇرغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار 8698 گە يېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتتىن 987سى بار ئىكەن. ‹‹شىنجاڭ ياشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ئائىلىسى›› قۇرۇلغاندىن كېيىن، يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش، تەربىيەلەش، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش ئارقىلىق تەسىر كۈچى زور، كۆلەملەشكەن، قېلىپلاشقان بىر تۈركۈم ياشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى قۇرۇپ چىقىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ كۈچىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق يېڭى قۇرۇلغان ياشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى زور كۈچ بىلەن قوللىنىدىكەن ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىلىدىكەن.

    ھازىرغىچە، بۇ ‹‹ئائىلە››گە ‹‹ئاققۇ›› مېھىر – شەپقەت فوندى، شىنجاڭ ‹‹ئون يۈەن›› مېھرىبانلىق فوندى قاتارلىق 14 ياشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتى ئەزا بوپتۇ.(تامام)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001359420181