سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

چاغانلىق تىرانسپورت بېلىتىنى سېتىۋېلىش يۇقىرى دولقۇنغا كىردى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-29

    2017-يىللىق چاغانلىق تىرانسپورتنىڭ باشلىنىشىغا يەنە 17 كۈن قالدى. چاغانلىق تىرانسپورت بېلىتىنى سېتىۋېلىش يۇقىرى دولقۇنغا كىردى. بېيجىڭ غەربى ۋوگزالى بېلەت سېتىش ئورنىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەلگۈسى ئۈچ كۈندە بېيجىڭ يەنىلا چاغانلىق تىرانسپورت بېلىتى جىددىي بولۇش باسقۇچىغا كىرىدۇ بىز بېلەت قىس بولۇش ۋاقتىنى 27-،28-،29-دېكابىر، ئەڭ قىس بولۇش ۋاقتىنى 25-،26-،27-يانۋار بولىدۇ، دەپ مۆلچەرلىدۇق، بۇ ۋاقىتتا ئاساسلىقى ھەر قايسى ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرى يەنى خەنكوۋ، چاڭشا، نەنچاڭ قاتارلىق جايلاردا بېلەت سېتىۋېلىش ئەڭ قىس بولىدۇ.

    شىئەن ۋوگزالى بېلەت سېتىش سېخىنىڭ مۇدىرى جۇ مىڭ كۆپچىلىكنى بىر قانچە بېلەت سېتىۋېلىش چارىلىرى بىلەن تەمىنلىدى: بېلەت سېتىۋېلىش يۇقىرى دولقۇنى كۆرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مەركەزلىك بېلەت قايتۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بېلەت سېتىۋالالمىغان يولۇچىلار ئاشۇ ۋاقىتقا يەنى پويىز مېڭىشتىن 15كۈن بۇرۇنقى، پويىز مېڭىشتىن 48 سائەت بۇرۇنقى، پويىز مېڭىشتىن 24 سائەت بۇرۇنقى ۋاقىتقا دىققەت قىلىشى كېرەك، 12306 تور بېكىتىنى يېڭىلاپ تۇرۇپ،بېلەت سېتىۋېلىش پۇرسىتىنىڭ ئاز كۆپلۈكىگە دىققەت قىلسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر ۋاقىت تۆمۈر يول ئېلان ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك، بايرامدىن ئىلگىرى ھەر قايسى جىددىي بولۇۋاتقان لىنىيەلەرگە يەنە پويىز كۆپەيتىلىدۇ شۇنداقلا ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بىلەن تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يوللارنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىقمۇ بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ.

    جۇڭگو تۆمۈر يول ئىلمىي تەتقىقات يۇرتى ئېلېكتىرونلۇق ھېسابلاش تېخنىكا تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى جۈ جيەنشىڭ مۇنداق دېدى: 2017-يىلى چاغانلىق تىرانسپورتتا سەپەرگە چىقىدىغان قىزىق نۇقتا شەھەرلىرى ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇغا مەركەزلىشىدۇ.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359412711