سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭگو پايدىلانغان چەتئەل مەبلىغىنىڭ سۈپىتى ئۆستى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-29

    جۇڭگونىڭ سودا مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن يىلدا، بانكا، ئاكسىيە، سۇغۇرتا ساھەسدىن باشقا، ئېلىمىز ئەمەلىي قوبۇل قىلغان چەتئەل مەبلىغى 785 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۇددا 25 يىل تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرغان. ئىشلىتىلگەن چەتئەل مەبلىغى كۆلىمى مۇقىم ئېشىش بىلەن بىرگە، جۇڭگونىڭ مەبلەغ جەلپ قىلىش قۇرۇلمىسىمۇ ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشقان، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقتىن يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىققا، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىككە قاراپ بۇرۇلۇش ياسىغان. چەتئەللەرنىڭ دۆلەت ھالقىغان كارخانىلىرىنىڭ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو پايدىلانغان چەتئەل مەبلىغىنىڭ قىممىتى بارغانچە يۇقىرى بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى، ئىستېمال قۇرۇلمىسى دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، يېڭى تەلەپ يەنىمۇ ئاشىدۇ، دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارغا يېڭى كەسپىي ئېشىش بوشلۇقى ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى قاتارلىقلارمۇ دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ جۇڭگودا تەرەققىي قىلىشىغا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359412691