سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

سانائەت ساياھەتچىلىكى گۈللەنمەكتە

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-29

    يېقىندا دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جىڭزاۋ مەملىكەتلىك سانائەت ساياھەتچىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىز ئاۋام ساياھەت قىلىش دەۋرىنى كۈتۈۋالدى، سانائەت ساياھىتىنىڭ تەلىپى كۆرۈنەرلىك بولماقتا.

    ئىگىلىنىشىچە، سانائەت ساياھەت مەنزىرىگاھلىرى سانائەت كارخانىلىرى، سانائەت تارىخى ئىزنالىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئالايلۇق: شاڭخەي كىنو تېلېۋىزىيە باغچىسى، چىڭداۋ پىۋا موزىيى، شاڭخەي ئاۋام ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە 80-ۋە 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ساياھەتچىلەرنىڭ نىسبىتى %80تىن ئاشىدىكەن. سانائەت ساياھىتى مۇشۇ يىللاردا يىلمۇ-يىل گۈللەندى، ساياھەتچىلەر ئىشلەپچىقىرىش سېپىدە ئۆزلىرى قىزىقىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى، كىنو تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى ھەقىقىي سۈرەتكە ئېلىش نەق مەيدانىنى كۆرەلەيدۇ؛ ياكى ئىلگىرى زاۋۇتلارنى ئۆزگەرتىپ ياسىغان سەنئەت باغچە رايونىدا تارىخىي ئەدەبىيات سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچرىشالايدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئېلىمىزدە مەملىكەت بويىچە سانائەت ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن 345ى بار ئىكەن، 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە سانائەت ساياھەتچىلىكى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 130 مىليون ئادەم قېتىمغا، كىرىمى 10 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، كەلگۈسى بەش يىلدا يىللىق ساياھەتچى بىر مىليارد ئادەم قېتىمغا، ساياھەت كىرىمى 200 مىليارد يۈەنگە يېتىدىكەن.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359412681