سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنخۇا ئاگېنتلىقى "سان تومې ۋە پىرىنسىپى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى چەككە چېقىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى" ماۋزۇلۇق مۇلاھىزىنى ئاڭلاتتى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-29

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى 26-دېكابىر "سان تومې ۋە پىرىنسىپى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلگەنلىكى چەككە چېقىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى" ماۋزۇلۇق مۇلاھىزىنى ئاڭلاتتى. مۇلاھىزىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سان تومې ۋە پىرىنسىپى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ ئالتە كۈندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا بولمايدۇ دېگەن ئېنىق سىگنالنى بېرىپ، كىشىلەرگە كۆپلىگەن بېشارەتلەرنى بەردى.

    بىرىنچى، ئەڭ تۈپكى بېشارەت بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كىشىلەرنىڭ رايى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى. ئىككىنچى بېشارەت جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئافرىقىنىڭ مۇستەقىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئۈچىنچى بېشارەت جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك چەككە چېقىلىشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيەسىدە يېڭى خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى. ئالايلۇق، جۇڭگو نورۋېگىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇردى، موڭغۇلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى دالاينىڭ موڭغۇلىيەنى زىيارەت قىلىشىغا قايتا يول قويمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە بىر مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا مۇناسىۋەتلىك چەككە چېقىلىشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدىغانلىقىدەك ئېنىق سىگنال چىقاردى.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359412671