سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ تۆمۈريول ئىدارىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ كارخانىلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى

مۇھەررىر: مەريەمگۇل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-28

    12-ئاينىڭ 27- كۈنى، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ كارخانىلاردىن بولۇپ 17 كارخانا بىلەن يول ۋە كارخانىلار ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئىمزالانغان كېلىشىمدىكى يىللىق توشۇش مىقتارى 60 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ.

    كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، شېنخۇا شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى غەربىي شىمال خىمىيە سانائىتى سېتىش شۆبە شىركىتى قاتارلىق شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىلىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ كارخانىلاردىن بولۇپ 17 كارخانا ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۈرۈمچى، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، قۇمۇل قاتارلىق بەش رايوندىكى تۆمۈر يول مال تىرانسپورت مەركەزلىرىمۇ ئايرىم-ئايرىم شۇ جايدىكى 30دىن ئارتۇق كارخانا بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ ئۆز ساھەسىدىكى بايلىق، تېخنىكا، ئىختىساس ئىگىسى، باشقۇرۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يول ۋە كارخانىلار ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ بولغان تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىشقا پۈتۈشتى.(تامام)

[مەريەمگۇل]
010020070830000000000000011100001359390651