سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچىدىكى كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتنى تاموژنىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى تىجارەت باشلىدى

مۇھەررىر: مەريەمگۇل
مەنبەسى: خەلق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-28

    ئۈرۈمچى كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتنى تاموژنىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزىدە 27-دېكابىر تىجارەت باشلاندى. شۇ كۈنى، تۇنجى تۈركۈمدىكى گېرمانىيەنىڭ دۇيسبۇرگتىن ئۈرۈمچىگە قاتنىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىمۇ لىق مال بىلەن كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە توشۇش مەركىزىگە كىردى.

    ئۈرۈمچى شەھىرى ئېلىمىزنىڭ شىئەن، چىڭداۋ، جېڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردىن كېيىنكى 2- تۈركۈمدە كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتنى تاموژنىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى قۇرغان شەھەر بولۇپ قالدى.

    ئۈرۈمچى كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتنى تاموژنىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە يېتەكچى خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى تۆمۈريول پورتى يادرولۇق رايونىدا قۇرۇلغان. بۇ تۈرنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى تەخمىنەن 364 مو، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 790 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى چوڭ تىپتىكى تاموژنا كونتېينېر ماشىنىسىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان.(تامام)

[مەريەمگۇل]
010020070830000000000000011100001359390621