سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-28

    رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى موسكۋادا سۆھبەتلەشتى، ئۈچ دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىمۇ شۇ كۈنى موسكۋادا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئۈچ تەرەپ سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىشنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

    رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ سۆھبەت يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئۈچ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، سۇرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا داۋاملىق زەربە بېرىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ياردىمىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشى ھەم ئاخىرىدا كىرىزىسنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشىغا كۈچ چىقىرىشقا بىردەك قوشۇلدى.

    تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلۇ مۇنداق دېدى: ئۈچ تەرەپ ھەلەب ئۇرۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلغان ھەمكارلىقتا نەتىجە ھاسىل قىلدى، ئۈچ تەرەپنىڭ بۇ ئىلگىرىلەشنى باشقا رايونلارغىمۇ كېڭەيتىپ، ھەرقايسى گۇرۇھلارنىڭ سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، لېكىن ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى بىلەن ‹‹بويسۇندۇرغۇچىلار فىرونتى›› قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئۇرۇش توختىتىش ئوبيېكتى ئەمەس.

    ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف مۇنداق دېدى: ئۈچ دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ قارىشىچە، سۇرىيەدىكى ئىچكى توقۇنۇش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشتىن باشقا تاللاش يوق، ئۈچ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە تارماقلىرى ئۇرۇش توختىتىپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدا ھەمكارلىقنى باشلىۋەتكەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈچ تەرەپ يەنە سۇرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئورتاق زەربە بېرىشكە ئىرادە باغلىغان.

    رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ سۆھبەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈچ تەرەپ ھەربىي دائىرىلىرى ‹‹تېز ھەرىكەتلىنىش پىلانى›› تۈزدى، بۇ پىلان سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى زۆرۈر ھەرىكەت لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى؛ ئۈچ دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرى بۇ لايىھەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، سۇرىيەدىكى تەخىرسىز مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ.

    تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇشېر مۇنداق دېدى: تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ھەربىي ھەمكارلىق پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، سۇرىيەگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى داخوگان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈچ تەرەپ رايون مەسىلىسىدە مەيدان ۋە تەدبىرلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، رايون ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىشقا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتتى.

    رۇسىيە، تۈركىيە، ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سۆھبەت يىغىنى رۇسىيەنىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بولغاچقا، جامائەت پىكرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. تەھلىلچىنىڭ قارىشىچە، ئۈچ دۆلەتنىڭ سۇرىيە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسى رادىكال كۈچلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۇيىقەستىگە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە ئىكەن.‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359388581