سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پاكىستاندا 26 ئادەم «زەھەرلىك ھاراق» ئىچىپ قازا قىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-28

    پاكىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 27-دېكابىرىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يەنجاپ ئۆلكىسى دوباداگسىڭخ رايونىدىكى بىر قىسىم ئاھالە مىلاد بايرىمى مەزگىلىدە  سۈپەتسىز ھاراق ئىچىپ زەھەرلەنگەن. نۆۋەتتە بۇ ئىش سەۋەبلىك 26 ئادەم قازا قىلغان، كۆپ قىسىم كىشىلەر ھوشسىز ھالەتتە بولۇپ قالغان.شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرە قىلىشىچە، 50 دەك ئادەم مىلاد بايرىمى كۈنى كېچىدە ئۆزلىرى ئېچىتقان ھاراقنى ئىچىپ زەھەرلەنگەن. بىر قىسىم زەھەرلەنگۈچىلەر دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن قازا قىلغان. نۆۋەتتە، يەنە بىر قىسىم زەھەرلەنگۈچىلەر دوختۇرخانىدا داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقان بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغانلار قوشنا شەھەر فەيسالئابادتىكى دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلغان.ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈپەتسىز ھاراقنى ساتقان ئىككى نەپەر گۇمانلىق ئادەممۇ ھاراقتىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. نۆۋەتتە بۇ ئىشقا ئالاقىدار ئىشلار داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359388421