سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچىدىكى كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسىپورتنى تاموژنىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۇل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-28

 

    گېرمانىيەنىڭ دۇيسبۇرگدىن يولغا چىققان بىر تۈركۈم توقۇمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە سانائەت ماشىنا ئادىمى 7000 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ 12 كۈندىن كېيىن جۇڭگو-ياۋروپا ئارا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز بىلەن ئۈرۈمچى كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتنى تاموژنىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزىگە يېتىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى يېتىپ كېلىش يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. ئۈرۈمچى كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسىپورتنى تاموژنىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى 27-دېكابىر ئۈرۈمچى كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسىپورتنى تاموژنىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى غەربىي ئېغىزىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مەركەز ئۈرۈمچى ئىقتساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا) تۆمۈر يول غەربىي بېكىتىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، سۇجۇ يولىنىڭ شىمالىي ۋە ئىگىلىك تىكلەش يولىنىڭ شەرقىدىكى رايونغا توغرا كېلىدۇ. بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 364 مو بولۇپ، جەمئىي 790 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

    نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى يەتتە فۇنكسىيەلىك رايونىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ترانسپورت قوراللىرى ئالماشتۇرۇش رايونى، كونتېينېر دۆۋلەپ ساقلاش رايونى، كونتېينېر چۇۋۇپ ساقلاش رايونى، تەكشۈرۈش رايونى، كارانتىن ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش رايونى، بەلگىلەنگەن پورت رايونى، باجدىن خالىي رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    ئۈرۈمچى كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسىپورتنى تاموژنىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى مەملىكەت بويىچە كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزىنىڭ سىناق نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرۇلۇق رايونىدىكى «ئالتە چوڭ مەركەز»نى قۇرۇپ، زامانىۋىيلاشقان خەلقئارالىق شەھەر بەرپا قىلىش مۇساپىسىدە يەنە بىر يېڭى سەھىپە ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.(تامام)

 

[مەريەمگۇل]
010020070830000000000000011100001359383121