سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاۋۇت ئايۇپقا ھەمراھ بولۇۋاتقان پىدائىيلار

مۇھەررىر: مەريەمگۇل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-28

     شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق 60 ياشلىق ئاۋۇت ئايۇپنىڭ ئۆيى 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدى، ئون نەچچە ئوقۇغۇچى بۇ ئۆيگە كېلىپ، ئۇنى ناھايىتى خۇشال قىلىۋەتكەنىدى.

    بالىلارنىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن، ئۇلار مېنىڭ تۇغقانلىرىم، دېدى ئاۋۇت ئايۇپ ھاسىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ. ئۇ ئىشكاپتىن مېۋە – چىۋە، كەمپۈت ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا قويدى. گەرچە تىل ئۇقۇشمىسىمۇ، ئون نەچچە يىل داۋاملاشقان مېھىر – مۇھەببەت ۋە ھەمراھ بولۇش ئاۋۇت بوۋاي بىلەن بۇ ئوقۇغۇچىلارنى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندۇرغانىدى.

    ئاۋۇت بوۋاينىڭ پەرزەنتى يوق، ئىلگىرى ئۇ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاشخانىسىنىڭ ئارقا سەپ خىزمەتچىسى بولغان. 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇنىڭ پۇتى تاسادىپىي يارىلىنىپ، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان. 2004 – يىلىنىڭ بېشىدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد – سودا ئىنستىتۇتى پىدائىيلىرى شۆبە ئۇيۇشمىسى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بوۋاينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالغان.

    پىدائىيلار ئاۋۇت بوۋاينىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ھەم خەنزۇچە سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر قانچە ئۇيغۇر پىدائىي قوبۇل قىلدى ۋە بوۋاينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەرىكىتىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، پىدائىي ئوقۇغۇچىلار ئاۋۇت بوۋاي بىلەن بەدەن تىلى ياكى كۆز ئىشارىتى ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى.

    ئوچاقنىڭ كۈلىنى ئېلىش، ئوچاق بېشىنى تازىلاش، يوتقان – كۆرپىلەرنىڭ كىرلىكىنى ئالماشتۇرۇش، ھويلىدىكى يىغىلىپ قالغان قارلارنى تازىلاش... پىدائىيلار ئاۋۇت بوۋاي بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئۆزلىرىگە بۆلۈنگەن ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، ھويلىنىڭ ئىچى – سىرتىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

    ئالىي مەكتەپنىڭ 1 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان پەن ليەنيۈ كىيىملەرنى رەتلەۋېتىپ تۇرۇپ: يۇقىرى يىللىقتىكى پىدائىي ھەدەم شۈ جىنپىڭ، پىدائىي ئاكام فېڭ يۈەن، يۈ سىتاۋ ۋە چېڭ شۈرۈيلەر ئاۋۇت تاغامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئېسىدىن چىقارمىغان، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى بىزگە ياخشى ئۈلگە بولدى، دېدى.

    ئاۋۇت بوۋاي گەرچە مېيىپ بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، ھەر قېتىم كىمنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىيالايدىكەن، پىدائىي ئوقۇغۇچىلار كەلسە، ئۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭ كارىۋىتىنىڭ بېشىغا پارچە قەغەزلەر چاپلانغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىسمى ۋە تېلېفون نومۇرى يېزىلغانىدى، ئۇنى ھەر نۆۋەتلىك پىدائىيلار ئالاقىلىشىشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن قالدۇرۇپ كەتكەنىدى.

    مەكتەپنىڭ پىدائىيلار خىزمىتىگە مەسئۇل ئوقۇتقۇچى يىن جۈنجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ پىدائىيلارنىڭ ھەممىسى قاتمۇقات تاللاشتىن ئۆتكەن. ‹‹مېھرىبان، كۆيۈمچان بولۇش، تەقدىم قىلىش روھىغا ئىگە بولۇش›› ئەترىتىمىزگە ئەزا قوبۇل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. پىدائىيلار ئالماشقان بولسىمۇ، ئاۋۇت بوۋاينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتىن ئىبارەت مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش ھەرىكىتى ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېھىر – مۇھەببىتىمۇ ئەتراپتىكى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى، ئاۋۇت بوۋاينىڭ قوشنىسى سىرتتىن كەلگەن ئەر – خوتۇن ئىشلەمچى بولۇپ، ئۇلار بوۋايغا كىيىم – كېچەك، دورا ئېلىشنى ئەزەلدىن ئېسىدىن چىقىرىپ قويمىدى.

    كەچ كىرىشى بىلەن، بالىلار ئاۋۇت بوۋاينىڭ ئۆيىدىن ئايرىلدى. بالىلار ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ ئارقىسىغا قارىغاندا، ئاۋۇت بوۋاينىڭ ھاسىغا تايىنىپ ئىشىك تۈۋىدە تۇرغانلىقىنى كۆردى.

    ئاۋۇت تاغام ھەر قېتىم بىزنى ئۇزىتىپ چىقىدۇ، بىز يىراقلاپ كەتكەندىن كېيىنلا ئۆيىگە كىرىپ كېتىدۇ، دېدى پىدائىي خۈي چېن.(تامام)

[مەريەمگۇل]
010020070830000000000000011100001359382261