سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان زىيانداشلارنى قاتتىق جازالايلى

مۇھەررىر: مەريەمگۇل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-28

     گۇما ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا خىيانەتچىلىك جىنايىتى سادىر قىلغان ئۈچ يېزا، كەنت كادىرىغا سوت ئاچتى، 1 – سوتتا مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىلدى: جاۋابكار ياڭ جۈنفېڭ 23 يىل جەريانىدا خىيانەتچىلىك جىنايىتى، پارا ئېلىش جىنايىتى، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى قاتارلىق نۇرغۇن جىنايەتنى تەڭ سادىر قىلغان، بۇ جىنايەتلەرگە 20 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ، 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، قانۇنسىز تاپاۋەتلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى؛ جاۋابكار ئەركىن مەخمۇت 26 يىل جەريانىدا خىيانەتچىلىك جىنايىتى، پارا ئېلىش جىنايىتى، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى قاتارلىق نۇرغۇن جىنايەتنى تەڭ سادىر قىلغان، بۇ جىنايەتلەرگە 20 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ، 1 مىليون 600 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، قانۇنسىز تاپاۋەتلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى؛ جاۋابكار روزىمەمەت مەخمۇت 21 يىل جەريانىدا خىيانەتچىلىك جىنايىتى، جامائەت پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتى، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى، قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى قاتارلىق نۇرغۇن جىنايەتنى تەڭ سادىر قىلغان، بۇ جىنايەتلەرگە 20 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ، 150 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، قانۇنسىز تاپاۋەتلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى.

    ياڭ جۈنفېڭ گۇما ناھىيەسى كۆكتېرەك يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى، ئەركىن مەخمۇت كۆكتېرەك يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى، روزىمەمەت مەخمۇت كۆكتېرەك يېزىسى تۆۋەن قۇمكۆل كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى. بۇ ئۈچەيلەن ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى شەخسىي پايدىغا ئېرىشىدىغان سۇپىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلق بىلەن مەنپەئەت تالىشىش، ئاممىغا زۇلۇم سېلىشتا قاتتىق باش قاتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان سالغان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر داغ تەگكۈزگەن. خوتەن ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ يىل 11 – ئايدا بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ھەم ياڭ جۈنفېڭ، ئەركىن مەخمۇتقا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى؛ روزىمەمەت مەخمۇتقا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىپ، بۇ ئۈچەيلەنگە چېتىلىدىغان جىنايەت مەسىلىلىرى ۋە يىپ ئۇچىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرغان.

    ياڭ جۈنفېڭ قاتارلىق ئۈچ كىشىگە چىقىرىلغان ھۆكۈم قانۇننىڭ ھەققانىيلىقىنى نامايان قىلدى. ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ، ئىنتىزام – قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، چىرىكلىشىش، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش قىزىل سىزىقى ۋە يۇقىرى بېسىم سىزىقىغا دەسسىمەي، خەلققە مۇھەببەت باغلاشنى ئۇنتۇماي، ئاممىغا كۆپرەك ئەمەلىي ۋە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغدايدىغان پولات ئىستىھكام قۇرۇشى كېرەك.(تامام)

[مەريەمگۇل]
010020070830000000000000011100001359382161