سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچىدىكى مەھەللە كومىتېتلىرى يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-27

    ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ رايونلۇق جەنۇبىي يىكەنكۆل يولى بۆلەك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋاڭ جيالياڭ مەھەللە باشقارمىسى 26-دېكابىر يېڭى يىلنى تەبرىكلەش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

     ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ رايونلۇق جەنۇبىي يىكەنكۆل يولى بۆلەك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋاڭ جيالياڭ مەھەللە باشقارمىسى بىلەن تەۋەلىكتىكى ئىدارە-ئورۇن ۋە ئولتۇراق رايون خوجىلىق بۆلۈملىرى بىرلىشىپ 26-دېكابىر مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئاساسىي تېما قىلىنغان يېڭى يىلنى تەبرىكلەش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

    پائالىيەتتە مەھەللە باشقارمىسىدىكى كادىر، ئىشىچى-خىزمەتچى، ئولتۇراق ئۆي ئىگىلىرى ھەم ئولتۇراق رايون باشقۇرۇش تارماقلىرى ئايرىم ھالدا ناخشا-ئۇسسۇل، ئىتوت، چامباشچىلىق قاتارلىق نومۇرلارنى كۆرسىتىپ، شۇ تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر بىلەن بىللە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى.

(تامام)‏

 

 

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359364691