سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

رۇسىيەدە «Ty-154» ناملىق ئايروپىلاندا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-27

    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-دېكابىر، رۇسىيەنىڭ سانتپېتىربۇرگدىكى قىشلىق ئوردا بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈپ، «Ty-154» ناملىق ئايروپىلاندا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارىمىقىدىكى سۇرىيەگە قاراپ ئۇچقان «Ty-154» ناملىق ئايروپىلان 25-دېكابىر سەھەردە سوچى ئەتراپىدىكى قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 84 نەپەر يولوچى ۋە سەككىز نەپەر ئايروپىلان خادىمىنىڭ ھەممىسى قازا قىغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 26-دېكابىرنى مەملىكەتلىك تەزىيە كۈنى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىغان ھەمدە بۇ قېتىمقى ئايروپىلان ۋەقەسى يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبىنى ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈپ چىقىپ، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

‏ (تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359363601