سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئامېرىكىنىڭ ئادەمسىز چۆكمە ئۈسكۈنىسىنىڭ ئارقىسىغا قانداق سىر يوشۇرۇنغان؟

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-27

    يېقىندا جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى نەنخەي دېڭىزىدا ‹‹نامەلۇم ئۈسكۈنە››نى قولغا چۈشۈردى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئامېرىكىنىڭ ئادەمسىز چۆكمە ئۈسكۈنىسىنىڭ ئارقىسىدىكى سىرمۇ ئاشكارىلاندى.

    بۇ خەۋەر ناھايىتى تېزلا جامائەت پىكرى دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى، بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئامىللار رول ئوينىغان: ۋەقەنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى جۇڭگو ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچى؛ ۋەقە يۈزبەرگەن ئورۇن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىنچلانمىغان نەنخەي دېڭىزى. ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ تۋىتتېر مىكرو بىلوگىغا ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق بۇنىڭغا ئارىلاشتى.

    ترامپ ئاۋۋال تۋىتتېر مىكرو بىلوگى ئارقىلىق بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: جۇڭگو ‹‹خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكى››دە ئامېرىكىنىڭ ئادەمسىز چۆكمە ئۈسكۈنىسىنى ‹‹ئوغرىلاپ كەتتى›› دېدى؛ كېيىن يەنە تۋىتتېر مىكرو بىلوگى ئارقىلىق ناھايىتى ‹‹كەڭ قورساق››لىق بىلەن: بىزنىڭ قايتۇرۇۋالغۇمىز يوق، ئۇلار ئېلىپ قالسۇن، دېدى. ئەڭ ئاخىرقى ئۇچۇر ئامېرىكا چۆكمە ئۈسكۈنىسىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئېيتقاندا، جۇڭگو ‹‹مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان››لىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن يوللانغان. ترامپ شەرققە بولقا، غەربكە كالتەك كۆتۈرگەچكە، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى تاپماق تەس.

    يېقىنقى بىرقانچە يىلدا ئامېرىكا نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىنى تۇتقا قىلىپ، جۇڭگونى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن چۈشەشكە ئۇرۇندى. ئامېرىكا كۆپ قېتىم پاراخوت ۋە ئايروپىلان ئەۋەتىپ جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىدىكى دېڭىز، ھاۋا تەۋەلىكىگە كىردى، ھەتتا ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ جۇڭگونىڭ شىشا تاقىم ئاراللىرى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ، ‹‹يۈرۈش ئەركىنلىكى›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، جۇڭگوغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىت شەكىللەندۈردى. بۇ قېتىمقى نەنخەي دېڭىزى چۆكمە ئۈسكۈنىسى ۋەقەسىدە ئامېرىكا ‹‹گۇناھسىز›› قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ‹‹خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن››، ‹‹خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكى››دە ‹‹ھەربىي دېڭىز – ئوكيان ئىلمىگە ئائىت سانلىق مەلۇمات››لارنى يىغدۇق، دەپ جار سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگونى باشقىلارنىڭ ئادەمسىز چۆكمە ئۈسكۈنىسىنى ‹‹قانۇنسىز تۇتۇپ قالدى›› دەپ ئەيىبلىدى. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ گۇناھىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇۋاتىدۇ. ھازىر ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇتقۇزۇش پاراخوتى جۇڭگونىڭ نەنخەي دېڭىزىغا قاراشلىق دېڭىز تەۋەلىكىدە ‹‹نامەلۇم ئۈسكۈنە››نى بايقىغان، شۇڭا جۇڭگونىڭ ‹‹بۇ ئۈسكۈنىنىڭ شۇ جايدا يۈرۈۋاتقان پاراخوتلارنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىكى ۋە خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش›› ئۈچۈن بۇ ئۈسكۈنىنىڭ تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش مەسئۇلىيىتى بار ئىكەن.

    نەنخەي دېڭىزىدا سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىققان بۇ ئادەمسىز چۆكمە ئۈسكۈنە ئامېرىكا ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ۋاسىتىلىرىنىڭ ئازغىنا بىر قىسمىدىن دېرەك بېرىدۇ، خالاس. ئامېرىكا خېلى بۇرۇنلا ئادەمسىز چۆكمە ئۈسكۈنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغان، ئادەمسىز چۆكمە ئۈسكۈنە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ‹‹كۈچىنى زورايتقۇچى›› بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا، ھەتتا جۇڭگوغا بولغان ھەربىي ئەۋزەللىكىنى ساقلاشتىكى مۇھىم قورال سىستېمىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى، دەپ قارالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ئادەمسىز چۆكمە ئۈسكۈنىنى تەتقىق قىلىش، ياساش، ئىشلىتىش سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

    بۇ قېتىم نەنخەي دېڭىزىدا ئادەمسىز چۆكمە ئۈسكۈنىنى قويۇپ بەرگەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ‹‹Bowditch›› ناملىق ئۆلچەش پاراخوتىنى كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگونى يېقىن ئارىلىقتىن چارلاپ كەلگەن ‹‹تەكرار جىنايەتچى›› دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ھەم ھەمكارلىق، ھەم رىقابەت مەۋجۇت، بۇنداق ۋەزىيەت ئۇزاققىچە ساقلىنىدۇ. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش ھەم كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا.‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359363551