سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئەڭ چوڭ ساياھەتچى مەنبەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-27

    2015 – يىلى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ۋىزا سىياسىتىنى چىڭىتىشى ۋە ئافرىقىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ كۆرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ساياھەت بازىرى بىر مەزگىل كاساتلىشىپ قالغانىدى. بىراق، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇشى، ۋىزا بېجىرىش مەركەزلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەم جەنۇبىي ئافرىقا ساياھەت تارماقلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىش، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، 2016 – يىلى جەنۇبىي ئافرىقا ساياھەت بازىرىدا جانلىنىش بولدى.

    جەنۇبىي ئافرىقا ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2016 – يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، جەنۇبىي ئافرىقا چېگراسىدىن كىرگەن جۇڭگو پۇقرالىرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %60 ئاشقان. جەنۇبىي ئافرىقا ساياھەت مىنىستىرى ھانېكومنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا جەنۇبىي ئافرىقىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ساياھەتكە بارغان ساياھەتچىلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 كۆپىيىپ، ئىلگىرىكى %4لىك مۆلچەردىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇق ساياھەتچى %65 كۆپىيىپ، شىددەت بىلەن ئاشقان.

    جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يوھاننىسبۇرگتىكى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ سېتىش دىرېكتورى جياڭ نەن مۇنداق دېدى: كۆپلىگەن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا ساياھەتكە بېرىشى بىر تەرەپتىن، چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش تەرەققىياتىنىڭ نىسبەتەن تېز بولغانلىقىدىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ بېيجىڭدىن يوھاننىسبۇرگقا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانى سېلىپ، يېتەرلىك توشۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن بولغان. جياڭ نەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2016 – يىلى 1 – ئايدىن 11 – ئايغىچە جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى جەنۇبىي ئافرىقىغا توشۇغان ساياھەت ئۆمىكىدىكى ساياھەتچى 22 مىڭ 223 ئادەم (قېتىم)گە يەتكەن. جەنۇبىي ئافرىقا ساياھەت ئىدارىسى يەنە ھەرقايسى ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 7000 يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان ‹‹سەككىز كۈندۈز، بەش كېچە››لىك ساياھەتنى يولغا قويۇپ، ئاممىۋىلاشقان ساياھەت لىنىيەسى ئارقىلىق جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغان.

    جەنۇبىي ئافرىقا ساياھەت بازارلىرىدىكى كاسات ھالەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن شېنياڭ، ۋۇخەن، شىئەن، خاڭجۇ ۋە جىنەندە بەش يېڭى ۋىزا بېجىرىش مەركىزى تەسىس قىلغان، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بېيجىڭ، شاڭخەي، چېڭدۇ ۋە گۇاڭجۇدا تەسىس قىلغان تۆت ۋىزا بېجىرىش مەركىزىنى قوشقاندا، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ھازىر جۇڭگودا جەمئىي توققۇز ۋىزا بېجىرىش مەركىزى بار.‏(تامام)‏

 

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359363361