سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىچكى موڭغۇل شىلىنغولدا «كۈن تۈۋرۈكى» ھادىسىسى كۆرۈلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-27

    26-دېكابىر، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى شىلىنغولدا ئاز كۆرۈلىدىغان «كۈن تۈۋرۈكى» ھادىسىسى كۆرۈلدى. «كۈن تۈۋرۈكى» ھادىسىسى سائەت 19:30 ئۆتكەندە پەيدا بولۇپ، سائەت 21:30 گىچە داۋاملاشقان. شۇ چاغدا سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃20-بولۇپ، ھاۋا ئوچۇق، شامال بولمىغاچقا شەھەر ئاھالىلىرى «كۈن تۆۋرۈكى» ھادىسىسىنى ئىنتايىن ئېنىق كۆرەلىگەن. ئىمارەتلەرنىڭ يورۇتۇش چىراغلىرىنىڭ نۇر قايتۇرۇشى بىلەن بىرىككەن «كۈن تۈۋرۈكى» رەڭلىك نۇر تۈۋرۈكلىرىنى ھاسىل قىلىپ، شەھەرنىڭ كېچە ئاسمىنىغا ئۆزگىچە ھۆسىن قوشۇپ، رىۋايەتلەردىكىدەك سىرلىق مەنزىرە ھاسىل بولغان.

‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359363301