سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى-لەنجۇ-باڭكوك ئاۋىياتىسيە لىنىيەسى 13-يانۋار ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-27

    مۇخبىرنىڭ 26-دېكابىر جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىل 13-يانۋاردىن باشلاپ ئۈرۈمچى-لەنجۇ-باڭكوك ئارا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، چاغان مەزگىلىدە يولۇچىلارنىڭ چېگىرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىلىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئۈرۈمچى-لەنجۇ-باڭكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر ھەپتىدە ئۈچ نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىغان بولۇپ، دۈيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى CZ8441/2 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن، بېرىش مۇساپىسىدە 19:35 ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، 21:55 ئۆتكەندە لەنجۇغا يېتىپ بېرىپ، بىر سائەت 20 مىنۇت توختىغاندىن كېيىن 23:15 ئۆتكەندە لەنجۇدىن ئۇچۇپ، شۇ جاي ۋاقتى 02:00دە باڭكوكتىكى سۇۋانناپ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدىكەن. قايتىش مۇساپىسىدە شۇ جاي ۋاقتى 03:10 ئۆتكەندە باڭكوكتىكى سۇۋانناپ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى 07:55 ئۆتكەندە لەنجۇغا يېتىپ كېلىپ، لەنجۇدا بىر سائەت 20 مىنۇت توختىغاندىن كېيىن سائەت 09:15 ئۆتكەندە لەنجۇدىن ئۇچۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11:55 ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدىكەن.

    خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى ئېتىبار باھا يولغا قويۇلىدىكەن، نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى-باڭكوك ئاۋىياتسىيە بۆلىكىدىكى تارقاق تاق لىنىيەنىڭ ئەڭ تۆۋەن بېلىتى 2280 يۈەن، بېرىپ-كېلىش بېلىتى 3900 يۈەن ئىكەن.‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359362841