سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈلگىلەرنىڭ ئىش–ئىزلىرى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-27

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما ئابلېلىم ئابلىز ۋە ۋېي دېيۇ ئەر–خوتۇنغا بەس–بەستە بېلەت تاشلىدى

    ئۈلگىلەرنىڭ كۈچى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاجىزلاپ قالماي، ئەكسىچە ئۇلۇغلۇقى بىلەن داۋام ئېتىدۇ. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەشكىللىگەن 2016 – يىللىق ‹‹جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن›› شەخسلەرنى باھالاش پائالىيىتى 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى بېلەت تاشلاش باسقۇچىغا كىردى. ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئابلېلىم ئابلىز ۋە ۋېي دېيۇ ئەر – خوتۇننىڭ ئىش – ئىزلىرى تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلار ئۇلارغا بەس – بەستە بېلەت تاشلىدى. 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى سائەت 19 دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە، ئابلېلىم ئابلىز 315 مىڭ 74 بېلەتكە ئېرىشىپ، ئېرىشكەن بېلەت سانى بويىچە 20 نامزات ئىچىدە 15 – ئورۇندا تۇردى، ۋېي دېيۇ ئەر – خوتۇن 2 مىليون 652 مىڭ 261 بېلەتكە ئېرىشىپ، ئېرىشكەن بېلەت سانى بويىچە 20 نامزات ئىچىدە 8 – ئورۇندا تۇردى.

    ئابلېلىم ئابلىز قومۇل شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن پېنسىيەگە چىققان ئۇيغۇر كادىر بولۇپ، ‹‹شىنجاڭدىكى جياۋ يۈلۇ›› دەپ نام ئالغان، ئىلگىرى مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس بولۇپ باھالىنىپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 1 – دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىنغان.

    76 ياشلىق ۋېي دېيۇ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 9 – شىسى 161 – تۈەنىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى. ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ 52 يىلدىن بۇيان چېگرانى خالىس چارلىغان ئومۇمىي مۇساپىسى 200 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكەچكە، چېگرا لىنىيەسىدىكى ‹‹تىرىك خەرىتە›› دەپ نام ئالغان.

    مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى توردا ئۇلارنىڭ ھېكايىسى ۋە بېلەت تاشلاش بېتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تورداشلار بەس – بەستە سۆز قالدۇردى ۋە ئۇلارغا سالام يوللاپ، ئۈلگىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈردى.

    تورداش ‹‹سۆيۈملۈك كىچىك پاتمىچۇق›› مۇنداق دېدى: نۇرغۇن قېتىم قار كېچىپ، نامراتلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، يامغۇرغا قارىماي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئاشلىقى ۋە پۇلىنى يەتكۈزۈپ، ئىگە – چاقىسىز ياشانغانلار، ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلدى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئابلېلىم ئابلىز داتلاشماس بۇرما مىخقا ئوخشاش، دېلونى قانۇن بويىچە ئادىل، پاك بېجىرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىدى، ئۇ بىزنىڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۈلگىمىز.

    ‹‹ئۇلارنىڭ چېگرانى قوغدىغىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە بىر – بىرىگە ھەقىقىي ھەمراھ بولۇپ، بىر – بىرىدىن ئايرىلماسلىق روھى مېنى تەسىرلەندۈردى!››، ‹‹بۇ ئەر – خوتۇنغا بېلەت تاشلاپ، ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرگەن بىڭتۈەنلىكلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمەن!›› بېلەت تاشلاش، ھۆرمەت بىلدۈرۈش، غېمىنى يېيىش، قىزغىن ھال – ئەھۋال سوراش... تورداشلار ئۆزلۈكىدىن ۋېي دېيۇ ئەر – خوتۇنغا يەنە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، بۇ زېمىستان قىشنى ئىللىتتى.

    ئابلېلىم ئابلىز ۋە ۋېي دېيۇ ئەر – خوتۇننىڭ ئىش – ئىزلىرى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، كىشىنى ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدىغان مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى. سىزمۇ ئۇلاردىن تەسىرلەنگەن بولسىڭىز، 2016 – يىللىق ‹‹جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخسلەر››نى باھالاش تور بېكىتى (index.shtml/toupiao2016/gdzg2016/special/news.cctv.com//:http)

    ئارقىلىق ئۇلارغا قىممەتلىك بىر بېلەت تاشلاڭ.

    ئىگىلىشىمچە، 2016 – يىللىق ‹‹جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخسلەر››نى باھالاش پائالىيىتى كېلەر يىلى 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359362581