شىنجاڭ تۆمۈريولى ئادەتتىكى تېز پويىزلىرىغا WiFi ئورنىتىلدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ئابىدە     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-12-27 15:58:07

    26-دېكابىردىن باشلاپ، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ بارلىق ھاۋا تەڭشىگۈچى بار ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزلىرىغا سىمسىز تور (wifi) ئورنىتىلدى، بۇ 2017-يىلى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە يولۇچىلارنىڭ پويىزدىمۇ wifi تورى ئارقىلىق ھەقسىز كىنو كۆرۈش، ناخشا ئاڭلاش، ئويۇن ئويناش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، ھەقسىز WiFi ئالدى بىلەن 2015-يىلى مارتتا شىمالىي شىنجاڭ يۇلتۇزى شەھەر ئارا پويىزلىرىغا ئورنىتىلغان؛ 2016-يىلى سېنتەبىردە شىنجاڭدىن بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ يۆنىلىشىگە ماڭغان پويىزلارغا ئورنىتىلغان. بۇ قېتىم بولسا بارلىق ھاۋا تەڭشىگۈچى بار ئادەتتىكى تېز پويىزلارنىڭ ھەممىسىگە ئورنىتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ يولۇچىغا قولايلىق يارىتىلغان.‏(تامام)‏

010020070830000000000000011100001359362541