ئاپتونوم رايونىمىز ئالدىنقى 11 ئايدا نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە 283 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ئابىدە     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-12-27 15:58:07

    مۇخبىرنىڭ 26-دېكابىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى يانۋاردىن نويابىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە جەمئىي 283 مىليارد 800 يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاپ، يىللىق نىشان ۋەزىپىسى 300 مىليارد يۈەننىڭ %94.61ىنى تاماملىغان، بۇ بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1 مىليارد 44 مىليون يۈەن ئاشقان، 0.37 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن.

    بۇنىڭ ئىچىدە، قۇرۇلۇش داۋاملىشىۋاتقان 240 تۈرگە 225 مىليارد 985 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. جەمئىي 72 نۇقتىلىق تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10 تۈر كۆپ بولۇپ، مۇددەتتىن يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلانغان 60 تۈرنىڭ يىللىق نىشان ۋەزىپىسى مۇددەتتتىن بۇرۇن ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان، يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلىرىگە جەمئىي 57 مىليارد 848 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.‏(تامام)‏

010020070830000000000000011100001359362491