سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايون ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ 8 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى ۋە 9 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەردىن كەلگەن تايانچ كادىرلارنى قارشى ئېلىش يىغىنى ئاچتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-27

چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ 8 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى ۋە 9 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەردىن كەلگەن تايانچ كادىرلارنى قارشى ئېلىش يىغىنى ئاچتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ 2 – قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى پېڭ جيارۈي، بىڭتۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۇڭ خاۋ يىغىنغا قاتناشتى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلار 1 – ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ۋاڭ فېڭچاۋ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلار 1 – ئىدارىسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ 8 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە مۇنەۋۋەر شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى››نى ئوقۇدى. يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە مۇنەۋۋەر شەخسلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى. يىغىن تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

    چېن چۈەنگو سۆزىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىغا ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ، مۇنەۋۋەر شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ 8 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن كادىر، ئىختىساسلىقلىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ 9 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىر، ئىختىساسلىقلىرىنى سەمىمىي قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى قوللاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى، سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ تولۇق گەۋدىلىنىشى، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ رەھبەرلىكى، يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە 8 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن كادىر، ئىختىساسلىقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا خالىس ياردەم بەردى، شىنجاڭنىڭ كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇن قۇرۇلۇشىغا يېڭى ھاياتىي بەخش ئەتتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ.

    چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ 9 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىر، ئىختىساسلىقلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان، كۆپچىلىكنىڭ يېڭى ھايات سەھنىسىدە قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ھەقىقىي سىياسىي ۋەزىپە، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدىغان مۇھىم سەھنە، رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان مۇھىم بازا، پەزىلىتىنى چېنىقتۇرىدىغان مۇھىم پۇرسەت دەپ بىلىپ، تەشەببۇسكارلىق، ئاڭلىقلىق ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى، بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھېسسىيات جەھەتتە سەمىمىي بولۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئىدىيە، سىياسەت، ھەرىكەتتە ئىزچىل يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك؛ چىن مۇھەببىتى ئارقىلىق ئامما بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت باغلاپ، خۇشاللىق ۋە قايغۇدا بىللە بولۇشى كېرەك. ئىش قىلغاندا سەمىمىي بولۇپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىدىيە جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇپ، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، تۆھپە قوشۇپ، تىرىشىپ ئۆز خىزمەت ئورنىدا ئالاھىدە نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك. كۆپ خىل شەكىل قوللىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، ئاممىۋىلىقى، ئىلمىيلىكىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى، تۈرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئاساسىي قاتلامغا، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا مايىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ياردەم بېرىش بىلەن، شىنجاڭغا تۈرلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئىتتىپاقلىشىشتا باشلامچى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، پاك، تەلەپچان بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئامما ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ياخشى ئوبرازى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ھۆرمىتى، ئىشەنچىسى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىشى كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ، ئۇنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھەرقايسى ياردەم بېرىلىدىغان ئورۇنلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلىشى كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر، ئىختىساسلىقلارغا ئېغىر ۋەزىپە يۈكلەپ، دادىل ئىشقا قويۇپ، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى خۇددى شىنجاڭدىكى كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بەرگەندەك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە تۈرلۈك سىياسەت، تەمىناتنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، خىزمەت بىخەتەرلىكى، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى، يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارغا ئۆز ئائىلىسىگە كەلگەندەك غەمخورلۇق ۋە ئىللىقلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.

    تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە مۇنەۋۋەر شەخسلەر ۋەكىللىرى ھەم ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ 9 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىر، ئىختىساسلىقلار ۋەكىلى يىغىندا سۆز قىلدى.

    مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلار 1 – ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلار، بىر قىسىم ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ 9 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان تاياچ كادىرلىرىنى ئۇزاتقۇچىلار، ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ 8 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن كادىر، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى، 9 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان تايانچ كادىرلار، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ۋە بىڭتۈەن پارتكومى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

    تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئورۇن ۋە مۇنەۋۋەر شەخسلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.‏(تامام)‏

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359356691