سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«دېڭىز-ئوكيان-6» ناملىق ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتى ئەڭ ئاخىرقى بىر قۇرۇقلۇق ئۆتەڭ پونكىتىغا كىردى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-26

  

    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 24-دېكابىر، «دېڭىز-ئوكيان-6» ناملىق ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتى پۇنتا ئارېناس پورتىغا يېتىپ كېلىپ توختاش مەشغۇلاتى قىلدى. شۇ يەر ۋاقتى 24-دېكابىر كەچتە 33-قېتىملىق جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان مەملىكىتىمىزنىڭ «دېڭىز-ئوكيان-6» ناملىق پاراخوتى «جەنۇبىي قۇتۇپتىكى كىچىك بازار» ___ چىلىنىڭ پۇنتا ئارېناس پورتىغا يېتىپ كەلدى. بۇ يەر دۇنيا جەنۇبىي قۇتۇپ ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە ساياھەت قىلىشتىكى مۇھىم يولغا چىقىش نۇقتىسى ۋە ئۆتەڭ. «دېڭىز-ئوكيان-6» ناملىق پاراخوت بۇ جايدا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق دەم ئېلىپ، تەمىنات تولۇقلىغاندىن كېيىن 28-دېكابىر ئەتراپىدا يولغا چىقىپ، جەنۇبىي قۇتۇپتا كۆپ تۈرلۈك دېڭىز-ئوكيان چارلاش ۋە يەرشارى فىزىكىسى ئىلمىي تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359337591