رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلانىدىكى قىسمەن قازا قىلغۇچىلارنىڭ جەسىتى تېپىلدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ئابىدە     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-12-26 17:26:53

    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 25-دېكابىر، رۇسىيەنىڭ سوچى قارا دېڭىز سۇ رايونىدا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى قىرغاققا ئېلىپ چىقماقتا.

    رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 25-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پاچاقلىنىپ كەتكەن «Ty-154» ناملىق ئايروپىلاندىكى بارلىق كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە قارا دېڭىزنىڭ ئاستىدا ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرى ۋە قىسمەن بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ جەسىتى بايقالغان.

‏(تامام)‏

010020070830000000000000011100001359336911