گېرمانىيەدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا پارتلىماي قالغان بومبا ئوڭۇشلۇق چۇۋۇپ ئېلىۋېتىلدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ئابىدە     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-12-26 17:26:53

    « مەركەز ئاگېنتلىقى » نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پارتلىماي قالغان بىر بومبا 54 مىڭ كىشىنى روژدېتسۋو بايرىمىدا ئۆيىدىن « ئايرىلىش » قا مەجبۇر قىلدى. بۇ گېرمانىيەدە بېرلىن تېمى ئۆرۈلگەندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ چېكىنىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.

    خەۋەر قىلىنىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 25-دېكابىر گېرمانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئاۋگسبۇرگ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ بومبا چۇۋۇش ھەرىكىتى 11 سائەت ئېلىپ بېرىلغان، 900 نەپەر ساقچى قاتناشتۇرۇلغان. يەرلىك دائىرىلەر قۇم خالتىسى بىلەن ئەتراپنى مەھكەم مۇھاسىرىگە ئالغان.

    يەرلىك ساقچى تەرەپ باياناتچىسى مانفرېد گوزشاك ئىككى مۇتەخەسسىسنىڭ ئەنگلىيەنىڭ پارتلىماي قالغان بۇ چوڭ بومبىسىنى ئوڭۇشلۇق چۇۋۇپ ئېلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ھەرىكەتتىن ئىلگىرى ساقچىلار ئۆيلەرگە بىردىن-بىردىن كىرىپ، بىرمۇ ئادەمنىڭ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان.

    ئاۋگسبۇرگ شەھىرىنىڭ باشلىقى كۇرت گىرىبىلنىڭ ئېيتىشىچە، چۇۋۇش خىزمىتى شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00لەر ئەتراپىدا باشلانغان.‏(تامام)‏

010020070830000000000000011100001359336891