رۇسىيە ئاممىسى «تۇـ154» ناملىق ئايروپىلاندا قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ئابىدە     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-12-26 17:09:46

    رۇسىيە سوچىدىكى ئامما شۇ يەر ۋاقتى 25-دېكابىر شام ياندۇرۇپ، گۈل قويۇپ، «تۇ-154» ناملىق ئايروپىلاندا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. شۇ كۈنى، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ «تۇ-154» ناملىق يولۇچىلار ئايروپىلانى سوچىدىن ئۇچۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن. ئايروپىلاندا ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپ قىسمى رۇسىيەنىڭ «دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك» ئالىكسىندروۋ قىزىل بايراق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ئىكەن. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 26-دېكابىرنى مەملىكەتلىك ماتەم بىلدۈرۈش كۈنى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىغان.

‏(تامام)‏

 

010020070830000000000000011100001359336671