سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

چۇڭچىڭدا ئېلېكتىرلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاش كۆزەينىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-23

    22-دېكابىر، چۇڭچىڭ نەنئەن رايونى شياكو 110 كىلوۋولتلۇق تىرانسىفوماتور پونكىتىدا، تېخنىك خادىم ئاندىرويىد (سولدا) ۋە windows سىستېمىسى ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان ئىككى خىل نۇسىخىدىكى ئېلېكتىرلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاش كۆزەينىكىنى كۆرسەتمەكتە.

    يېقىندا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چۇڭچىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن دۆلەت ئېلېكتىر تورى يەر شارى ئېنېرگىيە ئالاقە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۇچۇر خەۋەرلىشىش تەتقىقات ئورنى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان تاقىغىلى بولىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە تۈرى ــــ «ئېلېكتىرلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاش كۆزەينىكى» رەسمىي دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۇچۇر ئالاقە بۆلۈمى مەتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتتى. بۇ، تاقىغىلى بولىدىغان ئېلېكتىرلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاش كۆزەينىكىنىڭ چۇڭچىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئېلېكتىرلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاش كۆزەينىكى ئاندىرويىد ۋە windowsسىستېمىسىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزەينەك سۇپىسى بولۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېس قىلىش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا قوللىنىلغان ھەمدە يول باشلاش خەرىتىسى، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش، ئاپتوماتىك سۈرەتكە تارتىش، يىراق مۇساپىلىك ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدار سەپلەنگەن. ئېلېكتىرلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاش كۆزەينىكىدىن پايدىلىنىپ، توك ئىشچىلىرى ئاپتوماتىك توپلاپ، خاتىرە قالدۇرۇپ ۋە تەھلىل قىلىپ ئەمەلىي كۆزىتىلگەن ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى سانلىق مەلۇماتىنى بىر تەرەپ قىلالايدىكەن ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىنى قوللاپ، توك ئىشچىلىرىنىڭ مەشغۇلات نەق مەيدانىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلالايدىكەن.

‏(تامام)‏

 

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001359277811