سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدا قار ياغدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ئابىدە     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-12-22 17:56:51

    ئىشتىن سىرتقى فوتوگراف كەرىم بۇچېتاتا 19-دېكابىر ئالجىرىيەدىكى سەھرايى كەبىر قۇملۇقى كىچىك بازىرى ئېين سەفرەدىن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بىر يۈرۈش سۈرەتلەرنى ــ سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدا قار ياغقان سۈرەتلەرنى تارتىۋالغان.

    ئېين سەفرە بازىرى «قۇملۇق ئىشىكى» دەپ نام ئالغان، بۇ يەردە ئالدىنقى قېتىم 1979-يىلى فېۋرالدا قار ياغقان بولۇپ، قار پەقەت يېرىم سائەتلا داۋاملاشقان. بۇ قېتىم قار بۇ كىچىك بازاردا بىر كۈن ياغقان. كەرىم فوتو ئاپپاراتى ئارقىلىق قار گۈللىرى قىزغۇچ قۇم بارخانلىرىغا چۈشۈۋاتقان مەنزىرىنى خاتىرىلىۋالغان. بۇ يەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1000 مېتىر بولۇپ، ئەتراپىنى ئاتلاس تاغ تىزمىسى ئوراپ تۇرىدۇ.

    كەرىم مۇنداق دەيدۇ: بۇ سۈەرتلەرنى كىملا كۆرسە ھەيران قالىدۇ، بۇ خىل مەنزىرە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. قار قۇملۇققا چۈشۈپ كىشى ھەيران قالغۇدەك ئاجايىپ گۈزەل، سىرلىق مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

(تامام)‏

 

010020070830000000000000011100001359258581