سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بېيجىڭدا قويۇق تۇمان تاراپ كۆك ئاسمان كۆرۈندى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە قانىلى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-22

  

  

    سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بېيجىڭنىڭ تارقىلىش شارائىتى تەدرىجىي ياخشىلاندى، بۇنىڭ بىلەن ئۇدا ئالتە كۈن داۋاملاشقان تۇمانلىق ھاۋارايى ئاياغلىشىپ، كۆك ئاسماندا قۇياش نۇرى پارلىدى. بېيجىڭ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش كۆزىتىش مەركىزىنىڭ مۆلچەرىچە، 22-دېكابىر ھاۋا سۈپىتىدە يېنىك دەرىجىدە بۇلغىنىش بولىدىكەن، 23-دېكابىر ھاۋا سۈپىتى ياخشىلىنىدىكەن.

    نۆۋەتتە، بېيجىڭ شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تۇماندىن مۇداپىئەلىنىش قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ۋە كۈچلۈك تۇماندىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى بىكار قىلغان.(تامام)

[ۋۇ ۋېنشيا]
010020070830000000000000011100001359252531