رۇسىيەنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى تۈركىيەگە يېتىپ كېلىپ، باش ئەلچىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ۋۇ ۋېنشيا     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-12-22 11:16:12

     18 نەپەر مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن رۇسىيە تەكشۈرۈش ئۆمىكى 20-دېكابىر تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەگە يېتىپ كېلىپ، رۇسىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندىرى كارلوفنىڭ 19-دېكابىر كەچ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.

    تۈركىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەكشۈرۈش ئۆمىكى شۇ يەر ۋاقتى 20-دېكابىر چۈشتە ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ساقچى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كارلوفنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرىدىكەن.(تامام)

010020070830000000000000011100001359250801