زۇككېربېرگ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق غوجىدارنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى
مەسئۇل مۇھەررىر:  ۋۇ ۋېنشيا     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2016-12-22 11:16:12

  

   چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالاقە تاراتقۇسى «يۈز قامۇسى» (Face book) نىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى زۇككېربېرگ 19-دېكابىر دۇنياغا ئۆزى تەتقىق قىلىپ ئاچقان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق غوجىدار سىستېمىسى «جارۋىس»نىڭ تورغا چىققانلىقىنى تونۇشتۇردى، بۇ سىستېما ئۆيدە قويۇلۇۋاتقان مۇزىكىنى كونترول قىلىپلا قالماي، يەنە ئۆيگە كەلگەن مېھماننى پەرىقلەندۈرۈپ، ئىشىكنى ئېچىشقان بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى قارار قىلالايدىكەن.

    زۇككېربېرگنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ سىستېمىغا «پولات ساۋۇتلۇق پالۋان» فىلىمىدىكى مەۋھۇم غوجىدار «جارۋىس»نىڭ ئىسمى قوللىنىلغان بولسىمۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا 100 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەتقىق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن، نۆۋەتتە بۇ سىستېما پەقەت ئۇنىڭ ئۆيىدە «مۇلازىمەت» قىلىدىكەن، شۇنداقتىمۇ بۇ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش ھېسابلىنىدىكەن.

    بۇ سىستېما مېھمانلارنى پەرىقلەندۈرۈش، بولكا پىشۇرۇش ماشىنىسىنى قوزغىتىش، كىيىم ئىشكاپىدىن كىيىم ئېتىپ بېرىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايدىكەن.

    زۇككېربېرگنىڭ ئېيتىشىچە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى «جارۋېس»نىڭ ئىقتىدارىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ تەجرىبە يېڭى مەھسۇلات يارىتىشقا ياخشى ئاساس بولۇپ قالىدىكەن.(تامام)

010020070830000000000000011100001359250781