سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

لياڭ جېنيىڭ: شياڭگاڭدا تۆمۈريوللار كۆپلەپ ياسىلىپ، ئالاقە كۈچەيتىلىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۇل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-20

 

19-دېكابىر، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە دېڭىز-ئوكيان باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن جەنۇبىي ئارال لىنىيەسىنى قوزغىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

 19-دېكابىر شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ شياڭگاڭ تۆمۈريولى جەنۇبىي ئارال لىنىيەسىنى قوزغىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى تۆمۈريول ۋە ئۇل قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ھەرقايسى رايونلىرى ئارا ۋە شياڭگاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەر ئارا، شۇنداقلا دۇنيا ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىدۇ.

 قاتناش باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان جەنۇبىي ئارال لىنىيەسى (شەرقىي بۆلىكى) ئايرىم ھالدا ئارالنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى جىنجوڭ، خەييى يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن يەتتە كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ لىنىيەدە 28-دېكابىر رەسمىي قاتناش باشلىنىدۇ.(تامام)

 

[مەريەمگۇل]
010020070830000000000000011100001359199361