سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ئاۋمېن بىلەن بولغان سودا سوممىسى 17 يىلدا 200 مىليارد يۈەنگە يەتتى

مۇھەررىر: مەريەمگۇل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2016-12-20

 

گوڭبېي تاموژنىسى تەكشۈرۈش 2-بۆلۈمىنىڭ خادىملىرى بىر ئاپتوموبىلدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرمەكتە. 

 گوڭبېي تاموژنىسى 19-دېكابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا ئايان بولۇشىچە، ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتپ كەلگەن 17 يىلدىن بۇيان، ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن ئاۋمېننىڭ سودىسى كۈنسايىن قويۇقلاشقان، ئىككى تەرەپنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سودا قىممىتىمۇ تېزلىكتە ئاشقان بولۇپ، ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ گوڭبېي تاموژنىسى ئارقىلىق ئاۋمېن بىلەن قىلغان ئىمپورت-ئېكسپورت سودا ئومۇمىي قىممىتى 200 مىليارد 252 مىليون يۈەنگە يەتكەن. گوڭبېي تاموژنىسى قارىمىقىدىكى گوڭبېي، خۇاڭچىن قاتارلىق پورت ئېغىزلىرى ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ئاۋمېن بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ، ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن ئاۋمېننىڭ ئومۇمىي سودىسىنىڭ %80 ىنى ئىگىلەيدۇ.(تامام)

 

[مەريەمگۇل]
010020070830000000000000011100001359199291